ئامېرىكا تەيۋەننى 345 مىليون دوللار ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تەيۋەننى ھەربىي مەشىق ئورالمىسى شۇنداقلا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق 345 مىليون دوللار ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكىدىن نەقىل ئېلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، بايدېن ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قانداق قورال ۋە قانداق ھەربىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ھەربىي ياردەم يۈرۈشلۈكلىرى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ، يېنىك قورال-ياراغ ۋە رازۋېدكا ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارالغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ياردەم ئېلان قىلغانلىقىغا بولغان ئىنكاسى كېچىكتۈرۈلمىدى.
خىتاينىڭ ۋاشىنگىتوندىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ: «ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال سېتىشنى توختىتىشى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدا جىددىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋەقەلەردىن ساقلىنىشى كېرەك» دېدى.