پاكىستاننىڭ خەيبېر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بايان قىلىندى.
7-ئاينىڭ 30-كۈنى ، پاكىستاننىڭ خەيبېر پاختونخۋا ئۆلكىسى باكاۋۇر رايونىنىڭ خار رايونىدىكى جاميات-ئۇلېما ئىسلام-فازىل (JUI-F) پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا پارتلاش يۈز بەردى.
بومبا پارتىلاش نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 44 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ، 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا ئىكەن.
ئىگىلىنىشچە ، JUI-F نىڭ خار رايونىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مېۋلانا زىيائۇللا كانمۇ پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
يارىدارلار پېشاۋار ۋە تىمېرگادىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلگەن.
JUI-F نىڭ مەسئۇلى مۆۋلەۋى فەزلۇرراخمان پارتىلاشتىن كېيىن باش مىنىستىر شاھباز شەرىف ۋە خەيبېر پاختونخۋا شىتاتلىق ھۆكۈمەتتىن ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ھېچكىم بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان.
ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلغان پاكىستان تالىبانلىرى (TTP) ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى بايان قىلدى. TTP بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى «شەھىد» دەپ تەسۋىرلىدى.