خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاۋغۇستتا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئاۋغۇستتا تۇنجى قېتىم ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئاۋغۇستتا تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىرلەشمە ھاۋا مانېۋىرى ئىككى تەرەپنىڭ يىللىق پىلانى ۋە كېلىشىمىگە ئاساسەن ئاۋغۇستتا ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ مانېۋىر خىتاي بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى بىرلەشمە مانېۋىر بولۇپ قالىدۇ. مانېۋىر ئىككى دۆلەت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوللىنىشچان پروگراممىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ، شۇنداقلا ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مەلۇمكى ، خىتاي نۇرغۇن ھەربىي مانېۋىرلاردا خىتاي نوپۇسى ياشايدىغان ئاساسلىق رايونلاردىن يىراق بولغان شەرقىي تۈركىستاننى ئىشلىتىدۇ.
ئىلگىرى شەرقى تۈركىستاندا ھەر خىل قوراللار، بولۇپمۇ يادرو بومبىسى كۆپ قېتىملاپ سىناق قىلىنغان.