ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفىلىد روسىيەنىڭ ياللانما گۇرۇھى ۋاگنېرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمىنىڭ روسىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ب د ت (ب د ت) دىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس-گىرىنفىلىد، بېلورۇسىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان ۋاگنېرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىغا قانداق باھا بېرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
توماس-گىرىنفىلىد دۈشەنبە كۈنى نيۇ-يوركتىكى مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە، ۋاگنېرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر زېمىنىغا قىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمىنى روسىيەنىڭ ھۇجۇمى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ پولشا چېگراسىدا بار-يوقلۇقى ۋە ئۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ھەقىقىي تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى سورىغاندا ، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوماندانلىقىدىكى بۇ گۇرۇپپىنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى بىلىمىز، بۇ ھەممىمىزگە تەھدىت» دەپ جاۋاب بەردى.
توماس-گىرىنفېلد «ۋاگنېرنىڭ ھەر قانداق ھۇجۇمىغا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمى دەپ قارىلىدۇ» دېدى.
روسىيەدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېلورۇسىيەگە سۈرگۈن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ۋاگنېر ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ پولشا چېگراسىغا يىغىلغانلقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.