شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96- خاتىرە يىلى پائالىيەتلىرى باشلىنىشتىن ئىلگىرى غەربىي فىرونتى قوماندانلىقى قارمىقىدىكى ھاۋا ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ زىيارىتى جەريانىدا ھاۋا مۇداپىئە پائالىيەتلىرىنى قەرەللىك ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئارمىيەنىڭ تەييار ھالەتتە تۇرۇشى ۋە ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
شى جىنپىڭ جەڭچى قىسىملارغا سەپلىنىدىغان يېڭى ئۈسكۈنىلەر ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سۈرئىتىنى «تېزلىتىش»نى تەلەپ قىلىپ، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرنى ھازىرقى كۈچلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىغا يوللىغان مەكتۇپىدا، ئەسكەرلەرنى «ئۇرۇش قىلىش ۋە غەلىبنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ماھارەتلىرىنى پىچاققا ئوخشاش ئۆتكۈرلەشتۈرۈش»كە چاقىرغان.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئازادلىق ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 96 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنى كۈچەيتىش، ھەربىي مەشىقلەرنى زىچلاشتۇرۇش ۋە جەڭ تەييارلىقىنى ئاشۇرۇش» توغرىسىدا توختالدى.
ئۇ 2027- يىلى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يۈز يىللىق نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارەت قىلىپ، ئارمىيەنىڭ «بىرىنچى دەرىجىلىك سۈپەتكە تېز يېتىشى» كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خىتاي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ھەر يىلى 1- ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلىدۇ.