مەنبە: MEPANEWS
ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېندىن جو بايدىنغىچە بولغان غەرب رەھبەرلىرى ھازىر خىتاي بىلەن بولغان «ئىقتىسادىي خەتەرنى ئازايتىش» توغرىسىدا دائىم سۆز قىلىدۇ.
دۇنيا مىقياسىدا ئىقتىسادىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىي كۈچىنى سىياسىي تەسىرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
قانداقلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى يەنىلا مۇنازىرە تېمىسى. غەرب دۇنياسىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ.
ستۇئارت لاۋ ۋە فېلىم كىنېلارنىڭ Politico دا ئېلان قىلىنغان تەھلىلىدە، خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى ھېس قىلغاندەك كۈچى بولماسلىقى مۇمكىن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ خىتاينى 21-ئەسىردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى خالايدىغان ھەر قانداق دۆلەت ئۈچۈن كۈچلۈك سودا ھەمراھى ياكى خەتەرلىك دۈشمەن قىلىپ دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
«شەرقنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە غەربنىڭ يىقىلىشى» ئۇنىڭ شۇئارى. خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇ شۇئارغا غەرب سىياسىئونلىرى قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقاندا بولسا، ئۇ خەلقئارالىق شوئارغا ئايلاندى.
خىتاي يۇقۇمنىڭ چەكلىمىسىدىن كېچىكىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ GDP نىڭ ئېشىشىنى قولغا كەلتۈردى. ئۆي-مۈلۈك بازىرى كرىزىسقا دۇچ كەلدى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقى خەتەرلىك سەۋىيىگە ئۆرلىدى. بىر مۆلچەرگە قارىغاندا، بۇ سان %50 كە يەتكەن. شەخسىي ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز كارخانىلىرىغا نېمە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ياشىماقتا، ئىستېمالچىلار COVID دىن بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش قىلىۋاتقان چىقىمنى ئازلاتتى.
شاڭخەي، لوندون ۋە نيۇ-يوركتا، خىتاي ۋە چەتئەل كارخانىلىرى يېڭى سىنارىيەگە دۇچ كەلدى: ئاستىلاش مەڭگۈلۈك بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
پېتېرسون خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى جاكوب كىركېگارد POLITICO غا مۇنداق دېدى: «خىتايدا چوڭ ئىقتىسادىي كرىزىس ياكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشى مۇمكىن بولمايدىغان مۇقەررەر چېكىنىش خەۋىپى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتىدۇ.
خىتاي ئىقتىسادى
خىتاي ئىقتىسادىدا يۈز بەرگەن ئىشلار دۇنيا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئىككىنچى پەسىلدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىزلاشقان. 4-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئالدىنقى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا ئاران %0.8 ئاشقان. نورمالدا ھەر يىلى ئىككىنچى پەسىلدە دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى %6.3 ئاشاتتى. بۇيىل باشقا يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5.5 تۆۋەنلىگەن.
ئەمما بۇ مۈجمەللىك بېيجىڭنىڭ غەربكە قانداق يېقىنلىشىدىغانلىقى توغرىىسىدا گۇمان پەيدا قىلدى. ھازىرچە ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ناچارلىشىپ كەتسە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس: شى تېخىمۇ دوستانە چىراي بىلەن چىقامدۇ؟ ياكى تېخىمۇ قىيىن ئىقتىسادىي شارائىت كومپارتىيىنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چېچىپ، مىللەتچىلىك كەيپىياتىنى ئۇلغايتىپ ئامېرىكا ياكى ياۋروپا بىلەن توقۇنۇش نۇقتىلىرىنى ئىزدەشكە ئىلھاملاندۇرامدۇ؟
ھازىر ھەتتا كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ مەسىلىلەرنى يوشۇرمايۋاتىدۇ. خىتايىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سىياسىي بيۇروسى ئىقتىسادى يىغىنىدا مۇنداق دېدى: « ئاساسلىقى دۆلەت ئىچى ئېھتىياجى يېتەرلىك ئەمەس، بەزى كارخانىلار ئىقتىدارىدىكى قىيىنچىلىق، مۇھىم ساھەلەردىكى نۇرغۇن خەتەرلەر سەۋەبىدىن رەھىمسىز ۋە مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت سەۋەبىدىن يېڭى خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە».
سىرتقا ئېچىۋېتىش
ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش ياۋروپادا، ھۆكۈمەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئاجىزلىقىقا ئۈزۈل-كېسىل قايتىدىن قاراپ چىقماقتا. روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دوستانە بولمىغان ھاكىمىيەتلەر كونتروللۇقىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىگە تايىنىشچانلىقىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا ئۈندىدى.
ياۋروپا روسىيەنىڭ قاتتىق يېقىلغۇلىرىنى ئىمپورت قىلىشتىن ئاساسەن قۇتۇلدى، ئەمما پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ئۆتۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان باتارېيە زاپچاسلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ھالقىلىق خام ئەشيا ئۈچۈن يەنىلا خىتايغا باغلىنىدۇ.
ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېندىن جو بايدىنغىچە بولغان غەرب رەھبەرلىرى ھازىر خىتاي بىلەن بولغان «ئىقتىسادىي خەتەرنى ئازايتىش» توغرىسىدا دائىم سۆز قىلىدۇ. خىتاي ئىقتىسادىغا بەك يېقىن باغلىنىش خەۋىپى، ھەتتا ياۋروپانىڭ خىتاي سىياسىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئولاف شولزنى تەسىرلەندۈردى.
شولز ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا كېڭىشى باشلىقلار يىغىنىدا خىتاينىڭ «يېپىق ئىشىك» كۆز قارىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شولز گېرمانىيە رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭغا قىلغان تۇنجى سەپىرىدىن سەل بۇرۇن سۆز قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كەسىپداشلىرىغا ئەگەر بېيجىڭ ئۆي-مۈلۈك كرىزىسىنى ھەل قىلالمىسا، «چوڭ پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىتالىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى شىنىڭ يەرشارى ئۇل ئەسلىھە پىلانى ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىمزالانغان كېلىشىمدىن چېكىنىشكە تەييارلىق قىلماقتا. فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ھۆكۈمىتىمۇ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بېيجىڭنىڭ ئۇكرائىناغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قارىتا تېخىمۇ تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتتى.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق رەقىبى ۋاشىنگىتوننى تىلغا ئالسىمۇ، يەنىلا غەرب بىلەن ئازراق سوغۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېندىن خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى جانېت يېلېنغىچە بولغان نۇرغۇن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى يېقىنقى ئايلاردا خىتاينى زىيارەت قىلدى. سودا مىنىستىرى گىنا رايموندونىڭمۇ بۇ يىل يازدا خىتايغا بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بىر دىپلوماتنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ياۋروپا-خىتاي باشلىقلار يىغىنىمۇ كۈن تەرتىپىدە بولۇپ، پىلانلار تېخى تاماملانمىغاچقا، ئىسمىنىڭ ئاشكارلىنىشىنى خالىمىغان.
بېيجىڭ بىر تەرەپتىن خىتايدىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنى خاتىرجەم قىلشقا ئۇرۇنىۋاتقان بولسىمۇ بۇ كارغا كەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.
خىتايدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جېنس ئېسكېلوندنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشكە قاتناشقان خىتايدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 570 ياۋروپا شىركەتلىرى ئىچىدە «ئومۇمىي ئىشەنچنىڭ تۆۋەنلىشى».
شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزچىل كۆرسىتىپ كەلدى. گەرچە ئۇنىڭ خىتاينىڭ غەرب بىلەن رىقابەتلىشىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۈمىد دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىككە قاراتقان ئەڭ رادىكال ھەرىكىتى تېخنىكا كاتتىباشلىرىنى نىشانلىدى. شى جىنپىڭنىڭ نازارىتى ئاستىدا، خىتاي بىيۇروكراتلىقى دۆلەت ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى ئەلى بابانىڭ مىلياردېر قۇرغۇچىسى جەك مايغا بېسىم ئىشلىتىپ، تور ئويۇنى ۋە خۇسۇسىي مائارىپ سىنىپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى، ھەتتا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭمۇ سانلىق مەلۇماتلارنى قاتتىق كونترول قىلدى.
بەزى غەرب شىركەتلىرى ھازىردىن باشلاپ باشقا دۆلەتلەرنى ئىزدەشكە باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى پالاتاسىنىڭ رەئىسى ئېسكېلۇندنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇلتۇر تەكشۈرۈلگەن %11 كارخانا خىتايدىن ئايرىلىشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ يىل ئوخشاش نىسبەتتىكى شىركەتلەر ئاللىقاچان ئايرىلىش قارارىنى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئېسكېلۇند مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز بىر يىلدا %10 ئېشىۋاتقان ئىقتىسادقا ئىگە بولسىڭىز، بۇ ھەممەيلەنگە پايدىلىق». ئۇ يەنە: «ئەگەر سىز ئىقتىسادى ئېشىڭىز %5 تىن %5.5 كىچە تۆۋەنلىسە، ئۇنداقتا ئىقتىسادتا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تەرەققىي قىلمايدىغان ھەتتا ۋەيران بولىدىغان ساھەلەر بولىدۇ» دېدى.
شى جىنپىڭ خىتاينىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە غايەت زور شەخسىي كۈچكە ئېرىشتى. ئەمما شىنىڭ ئىقتىسادى پىلانىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەيدىغان-ئىشلىمەيدىغانلىقى ئاساسەن ئۇنىڭغا باغلىق.