رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدا «فىنۋال – 2023» ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانى نىكولاي يېۋمېنوفنىڭ قوماندانلىقىدا باشلانغان مانېۋىرنىڭ شىمالىي دېڭىز يولىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
تاكتىكىلار مەشىق قىلىنىدىغان مانېۋىرنىڭ بېرىڭ دېڭىزى، چۇكوتكا دېڭىز تەۋەلىكى ۋە يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، مانېۋرىغا تەخمىنەن 10 مىڭ ھەربىي خادىم بىلەن پاراخوت، سۇ ئاستى پاراخوتى، ئايروپىلان، تىك ئۇچار ئايروپىلان، دېڭىز قىرغىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىق 50 دىن ئارتۇق ھەربىي ئۈسكۈنىنىڭ قاتناشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «مانېۋىرنىڭ بارلىق قىسىملىرى مۇداپىئە خاراكتېرلىك بولۇپ، رۇسىيەنىڭ شەرقىي شىمال چېگراسىدىكى ھەربىي ھەرىكەت ۋە قىسىملارنى مەشىقلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتا، «فىنۋال- 2023» مانېۋىرىنىڭ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.