خەۋەرلەرگە قارىغاندا سۈرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەد كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ خىتايغا بارىدىغانلىقى خەۋەر قىلنغان بولۇپ ئىران «ئەل ئاخبار» گېزىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە ، بۇنىڭدىكى مەقسەت بېيجىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەرنى ئىلىپ بىرىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئاتالمىش سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پات ئارىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ، ئۇنى «ئىنتايىن مۇھىم» دەپ ئاتىغان. شۇنداقلا ئەسەدنىڭ مۇراسىمدا خىتاي مەنسەپدىشى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا رەسمىي ئۇچرىشىشى 12 يىل بۇرۇن ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەششار ئەسەدنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىردىكەن ، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن ئەرەب ئەللىرىنىڭ يېقىنلىشىشى سۈرىيەنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىغا توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىدە ئۆزىنى كۆرسەتكەن.