803
بەششار ئەسەدنىڭ خىتاي زىيارىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭمۇ ئۆكتەبىردە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى خىتاي مەنسەپدىشىنىڭ ئۆكتەبىردە خىتاينى زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
پۇتىن موسكۋادا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن سۆز قىلىپ ، روسىيە ۋە خىتاينىڭ «چوڭ ياۋرو-ئاسىيا بوشلۇقى بەرپا قىلىش ئىدىيىسى» ھەققىدە توختىلىپ ، خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ بۇنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
پۇتىننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانى تۇنجى قېتىم 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان.
بولۇپمۇ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن كېيىن ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچەيدى0.