ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغدىكى تەلىپى قوبۇل قىلىندى ۋە تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت توختىتىلدى. قاراباغدىكى ئەرمېنىيە گۇرۇپپىلىرى قوراللىرىنى تاشلاپ، ئەزەربەيجان زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، بارلىق قوراللىرى ۋە ئېغىر ماشىنىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئەرمېنىيە ۋەكىللىرى يېۋلاغا كېلىپ ئەزەربەيجان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئەزەربەيجان قوزغىغان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئاساسىي قانۇن قۇرۇلمىسىنى قايتىدىن ئورنىتىش ۋە قوراللىق ئەرمېنىيە كۈچلىرىنى قاراباغدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.
بۇ باياناتنى ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئانار ئەيۋازوف ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ قورال تاشلاشقا قوشۇلغانلىقىنى ۋە رايوندا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇ قاراباغدىكى ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ۋە قانۇنسىز ئەرمېنىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوراللىرىنى قويۇپ ، ئەزەربەيجان زېمىنىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ، قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ تارقىتىۋېتىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى ئەيۋازوف يەنە بۆلگۈنچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى يۇق قىلغانلىقىنى ۋە 90 دىن ئارتۇق ئورۇندا كونترولنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ھىكمەت ھاجىيېف رايوندىكى نوپۇسنى قايتا تەشكىللەشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
«بىز ئەزەربەيجان ئاساسىي قانۇن قائىدىلەر بويىچە قاراباغدىكى ئەرمېنىيە نوپۇسىنى قايتا تەشكىللەش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىمىز. بىز قايتا تەشكىللىنىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بىز يەنە ئىنسانپەرۋەرلىك ئېھتىياجىنىمۇ ئويلىشىمىز. بىز يەرلىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىۋاتىمىز. بىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رايونغا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئېلىپ كېلىشنى خالايمىز ».
باكۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىش رايوندىكى ئەزەربەيجانلارنىمۇ خۇشال قىلدى.