ئەزەربەيجان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاراباغدا قورالسىزلانغان ۋە قويۇپ بېرىلگەن ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتىش يولى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، 20-سېنتەبىر ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، قورالسىزلانغان ۋە قويۇپ بېرىلگەن ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىم خادىملىرى ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدىن خانكېندى-لاچىن ۋە كېلباجار-باسارگېچېر لىنىيىسى ئارقىلىق ئەرمېنىيەگە ئۆتەلەيدىكەن. .
ئەزەربەيجان ئارمىيىسى 19-سېنتەبىر قاراباغدا ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغىدى.
قاراباغدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق كۈچلىرى تەخمىنەن 24 سائەت داۋاملاشقان ھەرىكەتتىن كېيىن قوراللىرىنى تاشلىدى. ئاتالمىش ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى قوراللىق كۈچلىرىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.