ئەزەربەيجان-ئەرمېنييە دائىرىلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى ئارمېن گرىگورياننىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئەرمېنىيە «ئارمېن پرېس» (Armenpress) نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى باش كاتىباتلىقىنى مەنبە قىلىپ كۆرسەتكەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ھاجىيېۋ بىلەن گرىگورياننى بىر يەگە جەم قىلىدىغان ئۇچرىشىشقا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلېز مىشېل قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىدىكەن.
ئۇچرىشىشتا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ 5-ئۆكتەبىر (2023) ئىسپانىيەنىڭ گرانادا شەھىرىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان كۆرۈشۈشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان تەييارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئىلھام ئەلىيېۋ، پاشىنيان ۋە مىشېل 14-ماي (2023) بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەن ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، 1-ئىيۇن (2023) مولدوۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا سىياسىي جەمئىيەتلەر يىغىنى رامكىسىدا، ماكرون ۋە شولزنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا بەش تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
ئەزەربەيجان ئەرمېنىيە ئۇرۇشى
🔴 بىرىنچى قېتىملىق قاراباغ ئۇرۇشى 1988-يىلدىن 1994- يىلغىچە داۋاملاشتى، بۇ ۋاقىتتا ئەزەربەيجان ئاجىز كەلگەنلىكىتىن قاراباغنى ئەرمېنىيە ئىشغال قىلدى.
🔴 ئىككىنچى قېتىملىق قاراباغ ئۇرۇشى 2020- يىل 27- سېنتەبىر باشلانغان بولۇپ 44 كۈن داۋاملاشتى، بۇ جەرياندا 2908 نەپەر ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.
🔴 ئۈچىنچى قېتىملىق قاراباغ ئۇرۇشى 2023-يىلى 9- ئاينىڭ 19-كۈنى باشلانغان بولۇپ 2 كۈن داۋاملاشتى، بۇ جەرياندا 27 نەپەر ئەسكەر ۋە ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.