
فىلىپپىن دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئېدۋاردو ئانو مۇنداق دېدى: زۆرۈر تەدبىرلەر قوللىنىلىپ ، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ (CCG) جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سۇغا قويغان «لەيلىمە توساق» نى يوقىتىمىز.
ئانو CCG نىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى لۇزون ئارىلىنىڭ ئۇدۇلىدىكى «سكاربورو خادا تاش» قا ئورنىتىلغان 300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى لەيلىمە توساقنى يوقىتىش ئۈچۈن كېرەكلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«خىتاي ئورناتقان توساقلار بېلىقچىلىرىمىزنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى». ئانو فىلىپپىنلىق بېلىقچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قوغدىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئانو مۇنداق دېدى: «رايوندا بېلىق تۇتۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھەر قانداق دۆلەت، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز قانۇنى ئەھدىنامىسى (UNCLOS) ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ». دېدى.
فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى ئارقا سەپ ئادمىرال جەي تاررىئېللا تۈنۈگۈن خىتاينى «قاتتىق» ئەيىبلىدى،
جەنۇبىي دېڭىز تالاش-تارتىشى
جەنۇبىي دېڭىز ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ، ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى بولۇپ كەلدى.
خىتاي 1947-يىلى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان خەرىتە بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدى. فىلىپپىن ، ۋيېتنام ، برۇنېي ۋە مالايسىيا قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى قوشنا دۆلەتلەرمۇ بۇ رايوندا ھوقۇق تەلەپ قىلىدۇ.
خىتاينىڭ رايوندىكى تالاش-تارتىشتىكى ئاراللاردا ھەربىي بازا قۇرۇشى ۋە پۇقرالار پاراخوت ئەترىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇنلاشتۇرۇشى رايوندىكى دۆلەتلەر شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.