ئامېرىكىدا پرېزىدېنت سايلىمىغا 14 ئاي قالدى. ئەڭ يېڭى راي سىناش تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، ھازىرقى پرېزىدېنت جو بايدىن دونالد ترامپتىن 9 نومۇر ئارقىدا قالغان. بايدىن %37 لىك ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى.
ئامېرىكىدا 2024-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا 14 ئاي قالدى.
خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا ، سايلامنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنت جو بايدىن بىلەن سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا بولۇشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارالغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېننى قوللاش كۈندىن-كۈنگە ئازايماقتا.
ABC تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە ، تىرامپنى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %51 ، بايدېننى قوللاش نىسبىتى %42 بولغان.
ئۇنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ۋە جەنۇب چېگراسىدىكى كۆچمەنلەر كرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر بايدېننى قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل.
تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ %74 ى بايدېننى پرېزىدېنت بولالمىدى دەپ قارايدىكەن.
%44 قاتناشقۇچىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، بايدىن دەۋرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ناچار ئىكەن.
بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ 1986-يىلدىن بۇيانقى پرېزىدېنتنىڭ ئىقتىسادىي ئىپادىسىگە بەرگەن ئەڭ ناچار باھاسى.
دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ سايلىغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بايدىن باشقا كاندىدات بىلەن سايلامغا قاتناشماقچى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ سايلىغۇچىلىرىنىڭ 54% دونالد ترامپ بىلەن رىقابەتلىشىشنى قوللايدۇ.
تىرامپنىڭ ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزلەر داڭقىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولدى دەپ قارالماقتا.