ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھەيياننىڭ 14 يىلدىن كېيىن ۋاشىنگىتوننى زىيارەت قىلغان تۇنجى مىنىستىر بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى يازغان بولۇپ، ئامېرىكا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۆسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھەيياننىڭ پايتەخت ۋاشىنگىتوننى زىيارەت قىلىشىغا يول قويمىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر ئالدىنقى ھەپتە نيۇ-يوركتا ب د ت ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھەيياننىڭ ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇلارنىڭ ئىران ۋە باشقا چەتئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نيۇ-يوركتا ب د ت ئىشلىرى ئۈچۈن ساياھەت قىلىشىغا يول قويۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن مىللېر: «ئەمما ئۇلارنىڭ ۋاشىنگتونغا بېرىپ ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق» دېدى.
باياناتچى مىللېر مۇنداق دېدى: «ئىراننىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ناھەق تۇتۇپ تۇرۇشى ۋە تېرورلۇقنى قوللىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بىز بۇ تەلەپكە رۇخسەت بېرىشنى زۆرۈر دەپ قارىمايمىز».