دۇنيادىكى ئەڭ قەرزدار ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بولغان Evergrande نىڭ خوجايىنىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلۇمبېرگنىڭ ئېيتىشىچە ، Evergrande شىركىتىنىڭ خوجايىنى خۇي كا يەن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. ئاللىقاچان كرىزىسقا دۇچ كەلگەن شىركەتنىڭ پايچېكى بۇ خەۋەر بىلەن %15 كە يېقىن قىممىتىنى يوقاتتى.
خىتايدا تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە غايىب بولدى. بۇ قېتىم خىتاي ئۆي-مۈلۈك شىركىتى Evergrande نىڭ خوجايىنىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق.
ئامېرىكا بلۇمبېرگ ئاخبارات ۋاستىسى Evergrande نىڭ خوجايىنى خۇي كا يەننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن خۇي نامەلۇم ئورۇنغا ئېلىپ كېتىلگەن.
بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ، قەرزگە بوغۇلغان ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ پاي باھاسى بىر كۈن ئىچىدە %15 كە يېقىن قىممىتىنى يوقاتتى.
Evergrande دۇنيادىكى ئەڭ قەرزدار ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بولۇپ، تەخمىنەن 330 مىليارد دوللار.