ئامېرىكا خىتاينىڭ چاۋشيەنگە بولغان تەسىرىدىن پايدىلىنىپ ، بۇ دۆلەتنى «جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋە دىپلوماتىيىگە قايتىش» ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا رۇسىيە، خىتاي ۋە چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى.
خىتاينىڭ چاۋشيەننى «جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋە دىپلوماتىيىگە قايتىش» تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان «ئۆزگىچە ئورنى» بارلىقىنى بايان قىلغان مىللېر ، بېيجىڭنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پيوڭياڭنى بۇ جەھەتتە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مىللېر ۋاشىنگىتوننىڭ رۇسىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە بولغان ئەندىشىسىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بىز روسىيە بىلەن چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز ، بولۇپمۇ چاۋشيەندىن روسىيەگە ياكى روسىيەدىن چاۋشيەنگە قورال-ياراغ تەمىنلەش مۇمكىنچىلىكى بار». دېدى.