ئافغانىستان ئىسلام ئىمارەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد پاكىستاننىڭ ئافغانىستان مۇساپىرلىرىغا تۇتقان ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئىسلامئابادنى مۇساپىرلار پىلانىنى قايتا ئويلىنىشقا چاقىردى.
ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتىكى «قانۇنسىز» كۆچمەنلەرنىڭ قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇجاھىد باياناتىدا «ئافغانىستان مۇساپىرلىرى پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى ۋە: «پاكىستان ھۆكۈمىتى ئافغانىستان مۇساپىرلىرىغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» دېدى.
سەيشەنبە كۈنى پاكىستان ئېلان قىلغان باياناتىدا ، ئافغانىستانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليون 730 مىڭ «قانۇنسىز» كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىردىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ باياناتى دۇراند لىنىيىسىدىكى قوشنىسى ئافغانىستان بىلەن بولغان توقۇنۇش ۋە جىددىيلىكتىن كېيىن ئېلان قىلىندى.