سۈرىيەنىڭ ھومىس شەھىرىدىكى ھەربىي ئاكادېمىيىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا نەچچە ئون كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
سۈرىيەنىڭ ھومىس شەھىرىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە ھەربىي ئاكادېمىيىگە ھۇجۇم قىلىندى.
يەرلىك مەنبەلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ھەربىي ئاكادېمىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىدىغان تىزگىن ئۇچقۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچۇرىغان.
ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 54 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ، 100 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 200 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە ئەسكەر ۋە ئوفېتسىرلار ، شۇنداقلا نۇرغۇن گېنېراللارنىڭ بارلىقى بايان قىلىندى.
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلى مەھمۇد ئابباسمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا بۇ رايوندا ئىدى.
ئابباسنىڭ ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى توغرىسىدا تېخى رەسمىي بايانات يوق.
بۇ ھۇجۇمنى كىمنىڭ قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس.