پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنى «پەلەستىن خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى قوللاش»قا چاقىردى.
ھاماس بايانات ئېلان قىلىپ، ھەنىييەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىگە مەكتۇپ يوللىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، ھاماس سىياسىي بىيورۇسى رەئىسى مەكتۇپىدا: «بىز ئەرەب دۆلەتلىرىمىزنى خەلقىمىزنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇش ھوقۇقىنى، ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى قوغدايدىغان قارارلارنى چىقىرىشقا ۋە غەززەدىكى خەلقىمىزنى قوللاش ئۈچۈن، خامچوت ئاجرىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.
مەكتۇپىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ «1948- يىلىدىن بۇيان زىئونىست ئىشغالىيەت رەھبەرلىرىنىڭ ئېغىر دەخلى- تەرۇزلىرى ۋە ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكلىرى»نى تىلغا ئالغان ھەنىييە، ئىسرائىلىيەنىڭ يۇرت – ماكانلاردىن سۈرگۈن قىلىش، مۇقەددەس جايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئۇ ھاماسنىڭ كۆپ قېتىم ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى توسۇشقا چاقىرىق قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھاماس ھەر قايسى تەرەپلەرنى كۆپ قېتىم خەلقئارا قانۇننىڭ بارلىق قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەگە جىددىي بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى» دېگەن.
ئۇ ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە پەلەستىننىڭ سېپىدە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، پەلەستىن خەلقىنى قوللاش ۋە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.
ئىسمائىل ھەنىييە مەكتۇپىدا: «(ئىسرائىلىيە) ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي توقۇنۇشتا مەغلۇپ بولۇشى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرالماي يىمىرىلگەندىن كېيىن، دۈشمەن ئەڭ قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىقلارنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى، ئىبادەتخانىلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلماقتا، بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنى ئۆلتۈرمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن.
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.
ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.