3.8K
تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىيلارنىڭ زور بىر قىسمى ئىسرائىلىيەنىڭ قوراللىق ھەركىتىگە قاتناشقان.
تاجاۋۇزچى ىسرائىلىيە دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قورال تارقالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
ھەربىي كۈچلەردىن باشقا ، پۇقرالارمۇ قوراللانغان ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھەركىتىگە قاتناشقان.
تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەدە تەخمىنەن 7 مىليون يەھۇدىي ياشايدۇ. ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھۇدىيلاردىن تەركىب تاپقان. گەرچە قوراللىق كۈچلەر ئارىسىدا درۇز ، خىرىستىيان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئامىللىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
ئىسرائىلىيەدىكى ھەربىي قوراللىق كۈچلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە:
- ئىسرائىلىيە قوراللىق قىسىم: 169 مىڭ 500 ئادەم
– زاپاس قىسىم (مەجبۇرىي ھەربىي خىزمەتنى تاماملىغان ، ئەمما مەلۇم ۋاقىتتا چاقىرىلىدىغان ئارمىيە بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزمىگەنلەر): 465 مىڭ ئادەم
– ساقچى قىسىمى (پىدائىيلار بىلەن): تەخمىنەن 60 مىڭ ئادەم
– چېگرا ساقچى قىسىمى : تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم
– ئىستىخبارات (موساد ، شىن بېت ۋە ھەربىي ئاخبارات كۈچلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى): تەخمىنەن 15 مىڭ ئادەم
– قورال كىنىشكىسى بار كىشىلەر (كۆپىنچىسى يەھۇدىيلار): تەخمىنەن 150 مىڭ. كىنىشكىسى يوق قوراللارنى ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس.
* ھەر بەش يەھۇدىنىڭ بىرى قوراللانغان
بۇ قوراللق كۈچنىڭ ئومۇمىي سانى 869 مىڭ 500 ئادەمگە توغرا كېلىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ئىسرائىلىيەدە 15-64 ياشقىچە بولغان نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 21 پىرسەنتى ، يەنى دۆلەتتىكى ھەر 5 يەھۇدىنىڭ بىرى قوراللانغان.
- قورال كىنىشكىسى بار يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ھەربىي گۇرۇپپىلاردا ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئادەتتە M4 تىپلىق قورال ئىشلشىتىدۇ.