تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، غەززەگە تار دائىرىلىك ھۇجۇملارنى قىلىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاشقا پايدىلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى توپلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ھۇجۇمدىن كېيىن غەززەدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.
غەززەدىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە ئارمېيىسىنىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان پەلەستىنلىكلەر ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ 70 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. رەفاھ شەھىرىگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، رايوندىن ئىس- تۈتەكلەر كۆتۈرۈلمەكتە.
تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قاچقان 35 مىڭ پەلەستىنلىك غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسىدا كىرىۋالدى.
دوختۇرخانا رەھبەرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، بىخەتەر رايونلارغا بېرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ يوللاردا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
چېگرا ئېغىزلىرى تاقىلىپ قالغانلىقتىن نەچچە كۈندىن بېرى غەززەگە ھېچقانداق ياردەم ئەشيالىرى كىرەلمىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك، غەززەدىكى سەھىيە ۋە سۇ مۇلازىمەتلىرىنىڭ گۇمران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس غەززەدىكى ئەلئەۋدە دوختۇرخانىسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ بىمارلارنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيەدىن قارارىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلدى.
غەززە تەرەپنىڭ ھۇجۇملىرىدا 1300 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئۆلگەنلىكى، 3436 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدە 1799 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 6 مىڭ 488 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.