پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، غەززە خەلقىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسىرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى دەرھال توختىتىشى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلىشى كېرەك» دېدى.
ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو غەززەدە 30 توننادىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەلناھيان، ئىسپانىيە پادىشاھى 6-فېلىپې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
پادىشاھ ئابدۇللاھ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى ئەلناھيان بىلەن كۆرۈشكەندە، غەزەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق پوزىتسىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى، پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ ئىسپانىيە پادىشاھى 6-فېلىپې بىلەن كۆرۈشكەندە، غەززەگە تىببىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مۇزاكىرە قىلدى.