4K
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن س ب ئېس (CBS) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پەلەستىن ھۆكۈمىتى ۋە دۆلىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر يول بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يول- ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئونچە يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ سىياسىتىگە ئايلاندى. ئامېرىكا ئىسىرائىلىيەنىڭ يېنىدا 5 مىليون پەلەستىنلىككە مۇستەقىل دۆلەت شەكىللەندۈرىدۇ.»
ئۇ ئۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا ئىراننىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، تېھران ھۆكۈمىتى ۋە ھىزبۇللاھنى ئۇرۇشنى ئۇلغايتماسلىققا چاقىردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنستىرى ئانتونى بلىنكېن رايوندىكى ئالتە ئەرەب دۆلىتىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن (16-ئۆكتەبىر) يەنە ئىسىرائىلىيەگە تەكرار كەلدى.