ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەسكەرلەر ، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن تەركىب تاپقان ھەربىي بازا تورى بار.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى سەيشەنبە كۈنى تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ ، ئارمىيەنىڭ پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسقا قارشى كۈچىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شتابىنىڭ باش قوماندانى مايكىل كۇررىلانىڭ زىيارىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ غەززەگە قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىدىن ئىلگىرىكى ئەڭ ئاخىرقى زىيارىتى.
بۇ زىيارەت ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ پىلانلىق زىيارىتىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى.
ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىران ۋە ئىران قوللىغان باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ رايوندا توقۇنۇشقا كىرىشىنى توسىماقچى بولسا ، خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كەڭ رايون ئۇرۇشىغا بولغان ئەندىشىسىمۇ كۈچەيمەكتە.
ئامېرىكا يەنە تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئامېرىكا ئەمەلدارى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: كۇررىلا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ مۇداپىئە ئېھتىياجىنى ئېنىق چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ.