10-ئاينىڭ 7-كۈنى تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەگە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇم قوزغىغان خاماس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى نۇرغۇن ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئەسىر ئالدى.
پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى خاماسنىڭ باياناتىدا ، 7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمدا قولغا ئېلىنغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سانى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى.
خاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززدىن دىن قاسىم بىرىگادىسىنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ ئۇبەيدە باياناتىدا پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ قولىدا 200 دىن 250 گىچە ئىسرائىلىيەلىك مەھبۇسنىڭ بارلىقى بايان قىلىندى.
ئەبۇ ئۇبەيدە ئۇلارنىڭ قولىدا 200 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن بارلىقىنى ، باشقا تۇتقۇنلارنىڭ باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«23 ئىسرائىلىيەلىك مەھبۇس ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانىدا ئۆلدى».
باياناتچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا 23 مەھبۇسنىڭ ئكلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئەبۇ ئۇبەيدە ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان مىللەتتىكى تۇتقۇنلارنىڭ بارلىقىنى بايان قىلىپ ، تۇتقۇنلارنى ئۆزلىرىنىڭ «مېھمان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەبۇ ئۇبەيدە تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن قورقمايدىغانلىقىنى ۋە ھۇجۇمغا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.