پەلەستىن تەرەپ تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا بېسىمغا ئۇچرىماستىن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە غەززە رايونىدىكى دوختۇرخانا قىرغىنچىلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، خەلقئارادىكى قوش ئۆلچەملەرنىڭ تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەگە «غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى توختىتىش ياكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ كىرىشى ئۈچۈن كارىدور ئېچىش تەلىپىنى رەت قىلىش ھوقۇقى» بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا، مەزكۇر قوش ئۆلچەملەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، خەلقئارا قانۇننىڭمۇ ھۆرمىتىنى پايخان قىلىپ، تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغىلا بېقىندا قىلىپ قويغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مۇنداق دېيىىلدى:«ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا قاراتقان ئۇرۇشىنى خەلقئارا بېسىملارغا ئۇچرىماستىن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن غەززە شەھىرىدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىدا سادىر قىلغان ۋەھشىيلەرچە قىرغىنچىلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ ئارقىلىق غەززە رايونىنى ۋەيران قىلىپ، يوقىتىش ۋە خەلقىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇرۇنىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا»
باياناتتا، كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپىلىرىنى قوغدايدىغان جاسارەتلىك بىر خەلقئارالىق پوزىتسىيە تەلەپ قىلىندى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توختىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورىنى ئېچىش چاقىرىق قىلىندى.
باياناتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ قانداقتۇر غەززە رايونىدىكى پەلەستىن خەلقى ئۇچرىغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئاپەتلەرنى تەكشۈرۈش ياكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارغا قارىتىلغان ئۇرۇش قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەلكىسىىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشىنى دەرھال توختىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاش ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە غەززەدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 500 پەلەستىنلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
بايدىن: «دوختۇرخانا ھۇجۇمىنى سىلەر ( ئىسرائىلىيە) ئەمەس، قارشى تەرەپ تەشكىللىگەندەك قىلىدۇ»
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ بېرىپ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا: «يېنىڭىزدا ئىكەنلىكىمنى ئىكەنلىكىمنى بىۋاستە كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزۈم كەلدىم» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جو بايدىن غەززەدىكى ئەھلى باپتىست دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋغا يېتىپ باردى.
بايدىن بېن گۇرىيون ئايرودرومىدا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىساج ھېرزوگ ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانىياھۇ تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى.
بايدىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھاماس تېررورچىلىرى 1300 كىشىنى ئۆلتۈردى. مەن ئۇلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بالىلارنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى تەخمىنمۇ قىلالمايمەن. ئامېرىكالىقلار سىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە ۋە ئەندىشە قىلماقتا. ئىسرائىلىيە بۇ ھۇجۇملارغا جاۋاب قايتۇردى، مېنىڭچە بۇ داۋاملىشىشى كېرەك ئۆزىڭىزلارنى قوغداشقا لازىملىق ھەممە ئىشنى قىلالىشىڭلار كېرەك. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىمىز» دېدى.
بايدىن دوختۇرخانىغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئەھۋالغا قارىغاندا دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلىشنى سىلەر ( ئىسرائىلىيە) ئەمەس، قارشى تەرەپ تەشكىللىگەندەك قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق دەپ قارىمايدۇ. ھاماسقا كۈچىمىزنى كۆرسىتىش تولىمۇ مۇھىم. بىز نېمە قىلىدىغانلىقىمىزغا قارايلى! مەن بۇ يەردە بولۇشنى خالىدىم، چۈنكى بىزنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى پۈتۈن دۇنيانىڭ بىلىشىنى خالايمەن» دېدى.