مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇل فاتتاھ سىسى تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى غەززە رايونىدىن چىقىرۋېتىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق مىسىردا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پرېزىدېنت ئابدۇلفەتتاھ سىسى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن كۆرۈشتى.
سىسى يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى مىسىرغا سۈرگۈن قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە جاۋاب بەردى.
سىسى غەززە خەلقىنى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىش پىلانىغا قارشى تۇرۇپ ، تۆۋەندىكى بايانلارنى قىلدى:
ئەگەر پەلەستىنلىكلەر مىسىرغا يۆتكەلسە ، سىناي يېرىم ئارىلى ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەرىكەت بازىسىغا ئايلىنىدۇ ، بۇنداق ئەھۋالدا مىسىر تېرورچىلارنىڭ بازىسى دەپ بەلگە قىلىنىدۇ ».
مىسىر رەھبىرى سىسى يەنە غەززەگە ھۇجۇم قىلغان تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەگە تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى خاماس ۋە ئىسلام جىھاد قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا قىلغان ھۇجۇمى ئاخىرلاشقۇچە غەززە خەلقىنى ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نەجىف قۇملۇقىغا ئەۋەتىشكە بولىدۇ.
Sisi, İsrail'in bile aklına gelmeyen bir öneriyle Gazze'deki sivillerin tehcir edilmesi için "parlak" bir öneri sunuyor:
— İsmail Çoktan (@IsmailSays1_) October 18, 2023
"Eğer Gazze'deki sivillerin tehcir edilmesi düşünülüyorsa, bu siviller İsrail'in 'Hamas, İslami Cihad ve diğer silahlı grupları tasfiye etme' şeklinde ilan… pic.twitter.com/WCgzMJ5HED