ئىسرائىلىيە بىر كۈندە غەززە رايونىنى 320 قېتىم بومباردىمان قىلدى، نەتىجىدە 400 پەلەستىنلىك قازا قىلدى.
پەلەستىننىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگىنى WAFA تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا ، شەھەردىكى داۋالاش مەنبەلىرىدىن قارىغاندا ، قازا قىلغانلارنىڭ %70 ى بالىلار ، ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئىكەن.
WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 4700 گە كۆپەيگەن.
غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ 16-كۈنى ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە زەمبىرەك ئوقى بىلەن شەھەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى بىرلا ۋاقىتتا بومباردىمان قىلغان.
شەھەرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىر كۈندە 400 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بەزى ئائىلىلەرنىڭ بارلىق ئەزالىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى،
تېببىي مەنبەلەردىن كەلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ، 44 نەپەر كىشى خان يۇنۇس مۇساپىرلار لاگېرىدا ، رافادا 57 نەپەر كىشى ، شەھەرنىڭ مەركىزىدە 168نەپەر كىشى ، غەززە شەھەر مەركىزىدە 66نەپەر كىشى، شىمالىي رايوندا 44 كىشى قازا قىلغان.