ئوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: غەززەگە قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى نەچچە ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىن

ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۆاۋ گالانت غەززەگە قارىتىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنىڭ نەچچە ئاي داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
«Yediot Ahronot» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، گالانت غەززە چېگراسىغا يېقىن «ھاۋا ئارمىيىسى ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزى»دىكى يىغىنىدا بۇ سۆزنى قىلغان.

گالانت مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى توسىيالايدىغان ھېچ نەرسە يوق. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدىن تەركىب تاپىدۇ. غەززەدىكى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش بولۇشى كېرەك ، چۈنكى ئۇنىڭدىن كېيىن خاماس بولمايدۇ. بۇ «بىر ئاي ، 2 ئاي ، 3 ئاي ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن ، ئەمما ئاخىرىدا ئۇ يەردە خاماس قالمايدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھاۋا ھۇجۇمىنى كۈچەيتىپ ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى «ئۇرۇش» (قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى) غا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن غەززەدە دۇچ كېلىدىغان تەھدىتىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button