ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئايمان ئەل سافادى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ «رايوننى ھاڭغا ئىتتىرىۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئايمان ئەل سافادى خىتاينىڭ پايتەخت ئۇمماندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى جەي جۈن بىلەن كۆرۈشكەن.
ئۇچرىىشىشتا، «غەززەدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش، پۇقرالارنى قوغداش، خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىش ۋە غەززە رايونىغا مۇھىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش» قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.
سافادى غەززەدىكى شىددەتلىك ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئاپەتنى چوقۇم توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشى رايوننى ھاڭغا ئىتتىرمەكتە» دېدى.
ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارشى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.