جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەگە بەرگەن بىخەتەرلىك ۋەدىسى دائىرىسىدە، رايوندا يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيىلىك مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى يونخاپنىڭ بىلدۈرىشىچە، جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ئامېرىكانىڭ كورېيەگە بەرگەن بىخەتەرلىك ۋەدىسى ھەققىدە بايانات بەرگەن.
ئەمەلدار ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيەدە يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرى قاتارلىق رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېيقان.
شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىندا جەنۇبىي كورېيەگە قاراتقان تەھدىتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەمەلدار، ئامېرىكانىڭ بۇ قەدىمىنىڭ شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىگە «ئاگاھلاندۇرۇش» بولغانلىقىنى ئېيتقان.