يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى گۇرۇھنىڭ 2023 – يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى ياپونىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7-، 8 – نويابىر كۈنلىرى توكيودا يىغىن چاقىرىدۇ.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامىكاۋا يوكو رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يىغىنغا، يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، كانادا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
يىغىندا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىرىنچى ئاينى تاماملىغان غەززە ھۇجۇملىرى، رۇسىيە- ئۇكرائىنا كىرىزىسى، ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
مىنىستىرلار خىتاينىڭ ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدۇ.
«ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى – تىنچ ئوكيان» ئۇنىۋېرسال ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلىنىدىغان يىغىندىن كېيىن، مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن خىتابنامە ئېلان قىلىنىدۇ.
يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 2023 – يىللىق نۆۋەتچى رەئىسى ياپونىيە، بۇ يىلنىڭ تۇنجى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئاپرېلدا ناگانو ئۆلكىسىنىڭ كارۇيزاۋا شەھىرىدە ئاچقانىدى.