5.3K
G7 دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللاش ۋە روسىيەگە قارىتىلغان ئېغىر ئىقتىسادىي جازالارنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلدى.
G7 2023 قەرەللىك پرېزىدېنتى ياپونىيە ساھىبخانلىق قىلغان گۇرۇپپا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى پايتەخت توكيودا داۋام قىلماقتا.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كامىكاۋا يوكو رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنغا ئامېرىكا ، كانادا ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە ، ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى قاتناشتى.
يىغىنىدا G7 مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللاش ۋە روسىيەگە قارىتىلغان ئېغىر ئىقتىسادىي جازالارنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلدى.
مىنىستىرلار 2022-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ روسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.