ئوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 128 گە يەتتى

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 128 گە يەتكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ 46-كۈنى ئۆتۈپ كەتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززە رايونىدىكى نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلارنى ھاۋا ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن داۋاملىق بومباردىمان قىلماقتا.

شەھەر ئىچىدە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 14 مىڭ 128 گە يەتكەن.

بومبا پارتىلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 5840 ىنىڭ بالىلار ، 3920 كىشىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

4 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خارابىلىك ئاستىدا دەپ قارالغانلىقى بايان قىلىنغان.

ھۇجۇمدا 31 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

غەززەدىكى 1 مىليون 500 مىڭ كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى داۋام قىلىۋاتقان غەززە رايونىدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button