5.7K
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد جەمىس ئوستىن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا يېتىپ باردى.
ئوستىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، كىيېۋ پويىز ئىستانسىسىدا تارتىلغان سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىدى.
ئوستىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كىيېۋغا بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«مەن بۈگۈن بۇ يەرگە مۇھىم سىگنال بېرىش ئۈچۈن كەلدىم: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھازىرمۇ، كەلگۈسىدىمۇ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە داۋاملىق ئۇكرائىنانى قوللايدۇ.»
رۇسىيە ئارمىيەسى 2022 – يىلى 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئۇلگەن ۋە يارىدار بولغان ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 319 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.