6K
تۈركىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ دۇنياغا داڭلىق تىزگىن ئۇچقۇ ئىشلەپچىقارغۇچى Baykar شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر نەپەر پراكتىكانت دۈشەنبە كۈنى تۆت قاتتىق دىسكىنى ئوغرىلىماقچى بولغاندا تۇتۇلغان.
گۇماندارنىڭ داڭلىق بايراقتار TB2 ۋە ئاكىنجى قوراللىق تىزگىن ئۇچقۇغا مۇناسىۋەتلىك سانائەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىماقچى بولغان جاسۇس ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
سەيشەنبە كۈنى يەرلىك خەۋەر تور بېكىتى Bosslar Dünyası نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «پراكتىكانت بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىنژېنېر بىخەتەرلىك مەخپىيەتلىكى بار كومپيۇتېر ئىچىدىكى قاتتىق دىسكىنى ئېلىۋاتقاندا بايقىلىپ بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋالغان».