خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇغا ھەدىيە ئورنىدا ئۆزى يازغان ئىمزالىق كىتابىنى يوللىدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسالانغاندا ، خىتاينىڭ تېل ئاۋىۋدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەي رۇن نېتانياھۇنى زىيارەت قىلىپ، شىنىڭ كىتابىنى تەقدىم قىلغان.
باش ئەلچى سەي رۇن خىتاي رەھبىرىنىڭ ئىللىق سالامىنى يەتكۈزۈپ، نېتانياھۇ يازغان ۋە شى جىنپىڭغا ئىلگىرى يوللىغان كىتابىدىكى <ئىسرائىلىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى> گە ئايرىلغان مەخسۇس بۆلۈمنى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئوقۇغانلىقىنى ۋە ئىنتايىن سۆيۈنۈپ مەدھىيەلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا باش ئەلچى سەيرۇننىڭ يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىنى يەتكۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئاخىرىدا بېيجىڭدا باش مىنىستىر نېتانياھۇ بىلەن ئۇچرىشىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ 2023 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا غەربىي قۇددۇستا ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىدىن خىتاينى رەسمىي زىيارەت قىلىش تەكلىپى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە خىتايغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئامېرىكا مەتبۇئارلىرىدا نېتانياھۇنىڭ بۇ باياناتى «بايدىنغا جۈملىدىن ئامېرىكاغا <سەندىن باشقىمۇ ئىككىنچى تاللاشلىرىم بار> دەپ ئاشكارا دوئىل ئېلان قىلغانلىق» دەپ ئانالىز قىلىنغان ۋە «نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكا بېسىمىغا قارىماستىن خىتاي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشتەك ئۆز بېشىمچىلىقتىن يانمىغانلىقى» دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى.
ئەگەر نېتاياھۇ ئېيتقىنىدەك يىل ئاخىرىدا خىتايغا بارسا، بۇ ئۇنىڭ باش مىنىستىر بولغاندىن بۇيانقى تۆتىنچى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى بولىدىغانلىقىمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىتانىياھۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا سوغۇقچىلىق بولىشىغا ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلگە توغرا كىلىشىمۇ دىققەت قوزغىماقتا.
ئىسرائىلىيەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تالاش-تارتىشلىق ئەدلىيە ئىسلاھاتى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى رادىكال ئوڭچىلارنىڭ مۇھىم ئورۇنلارنى ئېگىلىشىدىن باشقا يەنە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بولۇپمۇ ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقلىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا شۇنچە ۋەدىلەرنى بەرگەن تۇرۇغلۇق ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماي خىتاي بىلەن كۈنسىرى يېقىنلىشىپ كېتىشى جو بايدىن ھۆكۈمىتىنىك سەۋرىنى تاشۇرغان شۇڭا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن 2023 – يىلى ئىيۇلدا نېتانياھۇغا تېلېفۇن قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەتلىرىگە زىت كېلىدىغان بۇ پوزىتسىيەسىدىن شۇنداقلا ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ياھۇدىي كۆچمەنلەرنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغان ئىدى.
خىتاي ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكادىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى ھېسابلىنىدۇ.