خاماس ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇنۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
خاماس ، ئەگەر ئىسرائىلىيە غەززە رايونى ۋە مىسىر چېگراسىدىكى رافاھ رايونىغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قىلسا، مەھبۇسلارنى ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
خاماس ئەمەلدارى پەلەستىن تاراتقۇلىرىغا قىلغان سۆزىدە ، ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھغا قىلغان ھەر قانداق قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنى «يوقىتىۋېتىدۇ» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، خاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسام بىرىگادىسى يېقىنقى 96 سائەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇمىدا 2 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، 8 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇنىڭ ئىشخانىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە بۇ رايونغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزۈشكە بۇيرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ رايوندا تەخمىنەن 1.5 مىليون پەلەستىنلىك ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرىكى ھۇجۇملىرىدىن قېچىپ رافاھغا پاناھلانغان كىشىلەر.