خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئىشغال قىلىۋالغان گولان ئېگىزلىكىگە يېقىن قۇنېيترادا ئىران قوللىغان ياللانما ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغان.
ئىگىلىنىشچە ، ئىسرائىلىيە زەمبىرەك قىسىملىرى ئىران قوللىغان ياللانما ئەسكەرلىرىنىڭ ئورنىنى بومباردىمان قىلغان.
سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (SOHR) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى كېچىدە گولان ئېگىزلىكىگە يېقىن جايدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىران قوللىغان ياللانما ئەسكەرلىرىنى نىشانلىغان.
ئىگىلىنىشىچە ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى نىشان قىلغان ئىران قوللىغان ياللانما ئەسكەرلىرى سېپىدە تالاپەت بولمىغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ئىران قوللىغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ گولان ئېگىزلىكى چېگراسىدىكى ھەرىكىتىنى كۆزەتكەندىن كېيىن نىشان قىلىنغانلىقى بايان قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، SOHR ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى كىرگەندەن بۇنغا سۈرىيەگە 14 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىران قوللىغان قوراللىق كۈچلەرنىڭ 39 ىنىڭ بۇ ھۇجۇملاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.