ئامېرىكا ، ئاۋىستىرالىيە ، ھىندىستان ۋە ياپونىيە تۆت دۆلەت بىخەتەرلىك دىئالوگى «Quad» رەھبەرلىرى 24-ماي سىدنېيدا كۆرۈشىدۇ.
ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانىس سۆزىدە، 24-ماي سىدنېي شەھىرىدە 2023-يىللىق تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باش مىنىستىر ئالبانىس «سىدنېي ئوپېرا تىياتىرخانىسى» بىناسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ سىدنېي شەھىرىنى تەشۋىق قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە، تۆت دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادى ، ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى ئىستراتېگىيىلىك رىقابەتنى كۈچەيتىش ۋە روسىيە-ئۇكرائىنا كرىزىسىنىڭ تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تۆت دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ، ھەممەيلەننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەركىن ، مۇقىم ۋە گۈللەنگەن ھىندى-تىنچ ئوكياننى قوللاشنى قارار قىلدى».
«Quad»
تۆت تەرەپلىك بىخەتەرلىك دىئالوگى «Quad» دەپ ئاتالىدۇ، بۇ سۆھبەت مۇنبىرى 2007-يىلى ئامېرىكا ، ئاۋىستىرالىيە ، ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا باشلانغان دىئالوگ مۇنبىرى بولۇپ، 2017-يىلى «تۆت ئىتتىپاق» غا ئۆزگەرتىلگەن.
خىتايغا قارشى بىرەسمىي ئىستراتېگىيىلىك مۇنبەر دەپ ئاتالغان ۋە «ئاسىيادىكى دېموكراتىيە قوۋزىقى» دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ ئىتتىپاق قەرەللىك ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى كۈنسىرى كۈچەيتمەكتە.