شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توبىياس بىلستروم رۇسىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بەش دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
توبىياس بىلستروم دۆلەت تېلېۋىزىيەسى س ت ۋ (SVT) غا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىكتور تاتارىنتسېۋنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋىيېننا ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بەش نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنىڭ چېگرادىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىۋېتسىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى «SEPO» 21-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىۋېتسىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئۈچ نەپەر رۇسىيە خادىمىدىن بىرسىنىڭ رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ۋە شىۋېتسىيەگە نىسبەتەن بىر تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دانىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەلىرى 19-ئاپرېلدا شىمالىي دېڭىزدىكى شامال تۇربىنلىرى، گاز تۇرۇبىلىرى ۋە توك شۇنداقلا تور سىملىرىغا رۇسىيەنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
دۆلەت تېلېۋىزىيەلىرىنىڭ ئورتاق تەتقىقاتى نەتىجىسىدە، رۇسىيەنىڭ شىمالىي دېڭىزدىكى بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە تەتقىقات پاراخوتى سۈپىتىدە يوشۇرۇن بىر جاسۇسلۇق فلوتىنىڭ بارلىقى بايقالغان ئىدى.
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننىكېن خۇيتفېلدمۇ 14-ئاپرېلدا رۇسىيەنىڭ ئوسلودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن 15 دىپلوماتىيە خادىمىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
خۇيىتفېلد رۇسىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ «مەخپىي ئىستىخبارات پائالىيىتى» ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.