2K
يېقىندا ئارگېنتىنا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارنىڭ پۇلىنى دوللارنىڭ ئورنىغا خەلق پۇلى بىلەن تۆلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىنىستىر ماسسا كېلەر ئايدىن باشلاپ بىر مىليارد دوللار ئىمپورت مىقدارىنى پىلانلايدىغانلىقىنى،دوللارنىڭ ئورنىغا خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زۇ شياۋلى بۇ قارارنىڭ يەر شارى بازىرىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا موھىم بولغان سودىدا ئۆزىنىڭ يەرلىك پۇللىرىنى ئىشلىتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.