بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك فىلىپپىندا ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى قوماندانلىق ئورگىنىغا تەۋە پاراخوتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى خادا تاشلىقلارغا قاراپ ماڭغان فىلىپپىنغا تەۋە چارلاش پاراخوتىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، فىلىپپىن تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا، خىتاي دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى تەرپىدىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرى داۋاملىق پاراكەندىچىلىكە ئۇچرىراۋاتقان فىلىپپىن بىلەن بىللە تۇرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ يېقىندا فىلىپپىننىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان چارلاشنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان بولۇپ «بىز بېيجىڭنى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە خەتەرلىك قىلمىشلىرىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز» دېيىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قائىدىلەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا دېڭىز-ئوكيان قانۇنىنى قوغداشقا ۋە فىلىپپىن قوراللىق قىسىملىرىغا ، ئۇنىڭ ئايروپىلانىغا ، پاراخوتلىرىغا ، جۈملىدىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق ھەركىتىگە ھەرقانداق دۆلەتنىڭ توسالغۇ بولۇشقا قارشى تۇرىدۇ. 1951-يىلى ئامېرىكا-فىلىپپىن ئۆز-ئارا مۇداپىئە شەرتنامىسى ئىمزالاندى. بۇ كىلىشىم بۇيىچە ئۆز-ئارا مۇداپىئە ۋەدىسى سەپەرۋەرلىك قىلىنىدۇ.
خىتاي ۋە فىلىپپىننىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرى 21-ۋە 23-ئاپرېل كۈنلىرى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان رايونلار ئارىسىدا بېكىتىلگەن ئىككىنچى توماس شال دەپ ئاتىلىدىغان خادا تاشلىق يېنىدا ئۇچراشتى. ھەمدە خىتاي ئارمىيىسى فىلىپپىن ئارمىيىسىنىڭ بۇ خادا تاشلىقتا تۇرۇشىغا يول قويمىدى.