رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئارمىيەلىرىنىڭ بۇ يىل يىل بېشىدىن بۇيانقى ئۇرۇشلىرىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز توپلىغان ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى) ۋە باشقا مەلۇماتلارغا ئاساسەن، رۇسلارنىڭ بۇ يىل يىل بېشىدىن بۇيان 100 مىڭ ئادىمىنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېدى ۋە بۇلارنىڭ 80 مىڭىنىڭ يارىلانغانلار، 20 مىڭىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
كىربى رۇسىيە ئارمىيەسى سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋېتىپ ئۆلگەن مەزكۇر 20 مىڭ كىشىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرمىلىرىدە ياتقان سابىق جىنايەتچىلەردىن تەركىب تاپقان ۋاگنېر ياللانما جەڭچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
رۇسىيەنىڭ دونباس رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيانقى ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ «ئاساسەن مەغلۇپ بولغانلىقى»نى تىلغا ئالغان كىربى، رۇسىيەنىڭ تالاپەتلىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگىنىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ تالاپەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.
كىربى ئۇكرائىنا مۇداپىئەسىنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ «رۇسىيەنى كىچىككىنە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور بايلىقلارنى سەرپ قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى»نى قەيت قىلدى.