ئاقساراي، فىلىپپىننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 4 چارلاش پاراخوتى ۋە 3 لوكخىد مارتىن C-130H تىپلىق ھەربىي ترانسىپورت ئايروپىلانى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى قورال بىلەن تەمىنلەشنى تېزلىتىۋاتىدۇ.
سپۇتنىكنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئاقساراي ئېلان قىلغان ئۇچۇردا: «ئامېرىكا 2 چارلاش پاراخوتى ، 2 قوغدىغۇچى دەرىجىلىك چارلاش پاراخوتى ۋە 3 C-130H ئايروپىلانىنى فىلىپپىن قوراللىق قىسمىغا يۆتكىمەكچى ئىكەن “
ھۆججەتتە يەنە ئامېرىكىنىڭ 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىككى دېڭىز قىرغىقى چارلاش پاراخوتىنى فىلىپپىنغا يۆتكىگەنلىكى، پاراخوتلارنىڭ فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا قاراپ يولغا چىققانلىقى بايان قىلىنغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ، ھۆججەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ، ھاۋا ، ئالەم بوشلۇقى ۋە تور بوشلۇقىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىشچانلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە يېتەكچى پرىنسىپىنى قوللانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
فىلىپپىن پرېزىدېنتى فېردىناند ماركوس ھازىر ۋاشىنگتوندا زىيارەتتە بولۇۋاتىدۇ.
ئالدىنقى ئايدا ، ۋاشىنگىتون بىلەن مانىلا 2014-يىلى ئىمزالىغان كۈچەيتىلگەن مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تۆت يېڭى رايونغا كېڭەيتىشكە قوشۇلدى، بۇنىڭ بىرى جەنۇبىي دېڭىزغا يېقىن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ كېلىشىمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كېلىشىمنىڭ بۇ رايوندىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.