2.2K
ئىگىلىنىشىچە ، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامىرخان مۇتتەقى پاكىستانغا بېرىپ ، پاكىستان ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
مۇتتەقىنىڭ كېلەر ھەپتە پاكىستانغا بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەردە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلاۋال بۇتتو زەردارى ۋە ئۇنىڭ خىتاي مەنسەپدىشى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.
ئافغانىستان ئىسلام ئىمارىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ھافىز زىيا ئەھمەد ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا، مۇتتەقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا بارىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئەھمەد بۇ زىيارەتتە، مۇتتەقىنىڭ پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك سىياسىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.