ئاسىيائوتتۇر شەرىقباشبەتخەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيە ھەلەبنى ئۇردى

ئىسرائىلىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئىسرائىلىيە سۈرىيىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا داۋاملىق زەربە بەرمەكتە.

ئاخىرىدا ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە بىر ئەسكەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەلەپ ئايرودرومىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق SANA ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇمىدا 5 ھاكىمىيەت ئەسكىرى ۋە 2 پۇقرا يارىلانغان.

ھەلەب ئايرودرومىنىڭ ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدىن كېيىن خىزمەتتىن توختىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (SOHR) نىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە 2023-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ ھازىرغىچە سۈرىيەگە 16 قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button