ئامېرىكا تاراتقۇلىرى «سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان كومپيۇتېر ئىنژېنېرى گېففرېي خىنتوننىڭ سۈنئىي ئىدراكنىڭ خەتىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، گوگۇلدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خىنتون نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، سۈنئىي ئىدراك ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنىڭ «جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتكە چوڭقۇر خەتەرلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىكى چاغ بىلەن بۈگۈننى سېلىشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان خىنتون: «بۇ پەرقنى ئېلىپ كەلگۈسىگە قارىتىپ كېڭەيتىڭلار، بۇ بەكلا قورقۇنچلۇق» دېدى.
پېشقەدەم ئىنژېنېر خىنتون پەن- تېخنىكا ماگناتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنىڭ شىركەتلەرنى يېڭى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى خەتەرلىك سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، ئىشلاردا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا ۋە خاتا ئۇچۇر تارقىتىشقا يۈزلەندۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ناچار كۈچلەرنىڭ سۈنئىي ئەقىلنى ناچار ئىشلارغا ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالالايدىغانلىقىڭلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن» دېدى.
2022- يىلى گوگۇل ۋە OpenAI (سۈنئىي ئىدراك پاراڭلىشىش سۇپىسى ChatGPT نىڭ ئارقىسىدىكى ئاكتىيور) ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇمات ئىشلىتىدىغان سىستېمىلارنى بەرپا قىلىشقا باشلىغانىدى.