ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇللىۋان ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نورماللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنىلا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەكې سۇللىۋان دۆلىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرىدىغان كېلىشىم ئىمزالاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۇللىۋان4-چسلا ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى توغرىسىدا قىلغان سۆزىدە ئىسرائىلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نورماللىشىش مۇساپىسى ھەققىدە بايان قىلدى.
ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نورماللىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان سۇللىۋان ، تولۇق نورماللاشتۇرۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، سۇللىۋان بۇ ھەپتە ئاخىرىدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ ، ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان قاتارلىق سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.